27 باي مۇنداق دەپتۇ: «ئى بوۋا، ئۇنداق بولسا، لازارنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.»
ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»
ئۇلارنىڭ ۋاقتى توشۇپ، دۇنيادىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ غېمىنى يېيەلمەيدۇ.
ئايۇپ دوستلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ بۇرۇنقى روناق تاپقان چاغلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا بۇرۇنقىغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق بايلىق ئاتا قىلدى.
ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.
پات يېقىندا تۈگەيدۇ رەزىللەرنىڭ كۈنلىرى، يوقىلار ماكانلىرىدىن، ئىزدەپمۇ تاپالمايسەن ئۇلارنى.
مۇشۇنداق بولار ئاقىۋىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەخمەقلەرنىڭ، ئۇلارغا ئەگىشىپ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلارنىڭ. سېلاھ
قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ تاپقان بارلىق نەرسىلىرىمدىن نەپرەتلەندىم. چۈنكى مەن بۇلارنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇشۇم كېرەك.