Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:25 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

25 «ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:25
25 Referans Kwoze  

لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.


بۇ دۇنيانى ۋە بۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى سۆيمەڭلار. بۇ دۇنيانى سۆيسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىزنى سۆيمىگەن بولىسىلەر.


ئى پەرۋەردىگار، قۇتقۇز مېنى ئۆز قولۇڭ بىلەن بۇ پانىي دۇنيادىكى رەزىللەردىن. پەقەت مۇشۇ دۇنيادىدۇر ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى، نېمەتلىرىڭ بىلەن تويار ئۇلارنىڭ قورسىقى. پەرزەنتلىرى بىلەن قانائەت تاپار كۆڭۈللىرى، بالىلىرىغا قالدۇرار ئۇلار مال-مۈلكىنى.


ئەگەر پۇتۇڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلا. ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل.


بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ.


بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ.


ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.


ئۇ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىدىغان ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى تاللىدى.


بىزنىڭ ئۇنى ئەۋەتىشىمىزدىكى مەقسىتىمىز، سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردىكى قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىڭلارنىڭ تەۋرىنىپ قالماسلىقى ھەمدە سىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىشتۇر. بىزنىڭ چوقۇم قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىمىزمۇ سىلەرگە مەلۇم.


- تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، - دېدىم. ئۇ ماڭا: - بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان.


بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!


ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:


يەنە پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ياتقىنىدا، ھەتتا ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.


دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى.


سەرگەردانلىقنىڭ ئازابلىق پەيتلىرىدە يېرۇسالېم ئېسىگە ئالار شانلىق كۈنلىرىنى، ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە تەۋە بايلىقلىرىنى. ئۇنىڭ خەلقى چۈشكەندە دۈشمەن قولىغا، ياردەم بەرگۈدەك ھېچكىم بولمىدى ئۇلارغا. دۈشمەنلىرى كۆرگەندە يېرۇسالېمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى.


گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە. تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە.


ئەمما خۇدا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى ياخشى نەرسىلەر بىلەن تولدۇردى. لېكىن مەن ئۇنداق رەزىللەرنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قوشۇلمايمەن.


كۆزلىرى سېمىزلىكتىن تومپىيىپ چىققان، قەلبىگە ئەخمىقانە نىيەتلىرى تولۇپ تاشقان.


- جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.»


سېۋەتلىرىڭلار ۋە خېمىر يۇغۇرىدىغان جاۋۇرلىرىڭلارمۇ قارغىشقا قالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite