23 ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:
خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى.
ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»
ئەي زەھەرلىك يىلانلار! يىلاننىڭ ئەۋلادلىرى! دوزاخ ئازابىدىن قانداقمۇ قۇتۇلالارسىلەر؟
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلا. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا مەڭگۈ ئۆچمەس دوزاخ ئوتىغا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، بىرلا كۆزۈڭ بىلەن بولسىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكىنىڭ ئەۋزەل.
قەبرىلەرگە كىرىپ كېتەر يامانلار، خۇدانى ئۇنتۇغان بارلىق قوۋملار.
ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ.
ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
شۇڭا، ئەگەر ئوڭ كۆزۈڭ سېنى گۇناھقا ئازدۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. چۈنكى، پۈتۈن بەدىنىڭنىڭ دوزاخقا تاشلانغىنىدىن، بەدىنىڭدىكى بىر ئەزانىڭ نابۇت بولغىنى كۆپ ئەۋزەل.
لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، قېرىنداشلىرىغا غەزەپلەنگەنلەرمۇ سوتقا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «ئەخمەق» دەپ تىللىغانلار ئالىي كېڭەشمىدە جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ. قېرىنداشلىرىنى «تەلۋە» دەپ ھاقارەتلىگەنلەر ئوتلۇق دوزاخقا چۈشىدۇ.
ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ، ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ.
يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ، بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ، بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.
«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى! ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»
ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ئەكسىچە، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر. چۈنكى، ئاراڭلاردا ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى سودومدا ياراتقان بولسام، ئۇ شەھەر بۈگۈنكى كۈنگىچە مەۋجۇت بولغان بولاتتى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن ھامان: - ئى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىشىمىزغا ئارىلاشما! سەن ۋاقىت-سائىتى كەلمەستىنلا بىزنى قىينىغىلى كەلدىڭمۇ؟ - دەپ توۋلىدى.
داناغا ئۇزۇن ئۆمۈر بېغىشلار ھاياتلىق يولى، ئۆلۈكلەر ماكانىدىن يىراقلاشتۇرار ئۇنى.
بىراق، بىلمەس ئاڭلىغۇچىلار ئۇ يەرنىڭ ئەرۋاھلار ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئۆيىگە چاقىرىلغانلارنىڭ گۆرگە كىرىپ بولغانلىقىنى.
ئېلىپ بارار ئۇنىڭ ئۆيى گۆرگە، ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى چوڭقۇر يەرگە.
ئۆلۈمگە باشلار ئۇنىڭ تۇتقان يولى. ئۆلۈكلەر ماكانىغا ئېلىپ بارار باسقان قەدەملىرى.
چۈنكى قۇتقۇزدۇڭ جېنىمنى جەھەننەم دەرگاھىدىن، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ شۇنچە چەكسىز بولغاچ ماڭا.
لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى. سېلاھ
بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.
«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.