Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:19
23 Referans Kwoze  

سىڭلىڭ سودومنىڭ گۇناھى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئۇ ۋە قىزلىرى راھەت-پاراغەتتىن شۇنچىلىك مەغرۇر ۋە تويماس بولۇپ كەتكەنىدىكى، ئۇلار كەمبەغەللەرگە ۋە موھتاجلارغا زىنھار ئىچ ئاغرىتمايتتى.


مىسىرنىڭ ئېسىل زىغىر رەختىدىن كەشتىلەپ ياسالغاندۇر يەلكىنىڭ، تۇغۇڭ ئىدى ئۇ سېنىڭ. ئەلىشا قىرغاقلىرىدىن ئېلىپ كېلىنگەن كۆك ۋە سۆسۈن رەختتىن ياسالغانىدى سايىۋەنلىرىڭ.


«ئىسىت، ئىسىت كاتتا شەھەر! ئورالغانىدىڭ ئېسىل كەندىر رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا، بېزەلگەنىدىڭ ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارغا!


ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق، بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق. چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە: ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە، تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!Œ


ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى.


ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ.


ئۇلار ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون، بېشىغا تىكەن شاخلىرىدىن ئۆرۈپ ياسالغان تاج كىيدۈردى.


سېنىڭ تاقىغان زىبۇ-زىننىتىڭ ئالتۇن-كۈمۈش، كىيگىنىڭ ئېسىل زىغىر رەختتە ۋە يىپەك رەختتە قىلىنغان كىيىم، كەشتىلىك كىيىم، يېگىنىڭ سۈپەتلىك ئۇن، ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى بولدى. سەن تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، خانىشلىققا ئۆستۈرۈلدۈڭ.


موردىكاي ئاق ۋە كۆك رەڭلىك شاھانە كىيىم كىيىپ، ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن سۆسۈن رەڭلىك يېپىنچا يېپىنىپ، كاتتا ئالتۇن تاج تاقاپ، پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقتى. سۇزا شەھىرى خۇشاللىق تەنتەنىلىرىگە چۆمدى.


بۇ ئالتۇن ھالقىلارنىڭ ئېغىرلىقى 20 كىلو چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلەر، زۇننارلار، مىديان شاھلىرى كىيىدىغان سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىدىكى بېزەكلىك زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.


بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.


ئۇنى مانا شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، سۆسۈن توننى سالدۇرۇپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى ۋە كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشتى.


ئۆزى تىكەر ئۇ كارىۋات ياپقۇچلىرىنى، نېپىز كەندىر، ئېسىل رەختلەردىندۇر ئۇنىڭ لىباسلىرى.


ھەزرىتى ئەيسا يەنە: - ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، - دېدى.


يەنە پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ياتقىنىدا، ھەتتا ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.


ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر، نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر.


ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite