17 ھالبۇكى بۇ، تەۋرات قانۇنى ئىناۋەتسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئاسمان-زېمىن يوقالسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ بىر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ، - دېدى.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، تەۋراتنىڭ بىر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.
بىراق، رەببىمىزنىڭ سۆزى مەڭگۈ مەۋجۇت بولىدۇ!» بىز سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر دەل رەببىمىزنىڭ سۆزىدۇر.
ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ، گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ. پەقەت خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرىلا ئەبەدىي قالىدۇ.»
ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.
سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار، ئېڭىشىپ زېمىنغا قاراپ بېقىڭلار. ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ، زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ. زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ. لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر. مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ.
ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»
ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى.
لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ.