10 كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ.
خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.
«ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دەپتۇ خوجايىن.
خوجايىن ئۇنىڭغا: «ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى ۋە ئىشەنچلىك چاكار ئىكەنسەن! مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىك ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى چوڭ ئىشلارغا قويىمەن. كەل، خوجايىنىڭنىڭ خۇشاللىقىغا جور بول!» دەپتۇ.
خۇددى مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ئائىلىسىدە خىزمەت قىلغاندا خۇداغا سادىق بولغاندەك، ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى تەيىنلەپ خىزمەتكە قويغان خۇداغا سادىق بولدى.
بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.
يەھۇدا ناننى ئېلىشىغىلا ئىچىگە شەيتان كىردى. - قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى.
- كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.