1 ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ.
خۇدا تەرىپىدىن ھەربىرىڭلارغا خىلمۇخىل ھەدىيە سۈپىتىدە ئاتا قىلىنغان قابىلىيەتلەرنى ياخشى قوللىنىپ، بىر-بىرىڭلارغا خىزمەت قىلىڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ.
تىلىسەڭلارمۇ ئېرىشەلمەيسىلەر، چۈنكى نىيىتىڭلار يامان بولۇپ، ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈنلا تىلەيسىلەر.
ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى،
لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ.
بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.
بىراق، ئۈچىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، بەرگەن تىللايىڭىز مانا تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى قول ياغلىقىمغا يۆگەپ ئۆيدە ساقلىدىم.
كىمكى ھۇرۇن بولسا ئۆز ئىشىدا، قېرىنداش بولۇر بۇزغۇنچىغا.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن.
ھىرود خاننىڭ ساراي ئەمەلدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزانا ۋە باشقا بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ياردەمدە بولدى.
لېكىن ئۇ ئۆزىگە ئاشلىق، شاراب، زەيتۇن يېغى ۋە ئالتۇن-كۈمۈش بەرگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمىدى. ئۇ بۇلارنى بۇت ئىلاھى بائالغا ئىشلەتتى.
پادىشاھ داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، يەنى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، قوشۇنلارنىڭ مىڭبېشى، يۈزبېشى قاتارلىق سەركەردىلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلىرىنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.
ھەمدە ئۇلار يۈسۈپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىش بىلەنلا غوجىدارغا:
لېكىن ئىبرام: _ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئەلىئەزەردۇر.
كەچقۇرۇنلۇقى، يەر ئىگىسى غوجىدارغا: «ئىشلەمچىلەرنى چاقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا كەلگەنلەردىن باشلاپ ئەڭ ئاۋۋال كەلگەنلەرگىچە ھەممىسىنىڭ ئىش ھەققىنى بەر» دەپتۇ.
باي غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم قانداق گەپ؟ ئەمدى خىزمەتتىن بوشىتىلىسەن، ھېساب-كىتابنى تاپشۇر» دەپتۇ.