30 لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ.
ئاتىسىنى شادلاندۇرار دانالىقنى سۆيگەن ئوغۇل، مال-مۈلكىنى بۇزۇپ-چاچار پاھىشىلەرگە ھەمراھ بولغان ئوغۇل.
پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر.
لېكىن، سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا.
لېكىن مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟
پەرۋەردىگار مۇساغا: _ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ تاپتىن چىقتى.
چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى - تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئىئانە قىلدى.
لېكىن، ئۇ ئاتىسىغا: «قاراڭ سىزنى، مەن سىزگە شۇنچە يىل قۇلدەك ئىشلەپ كەلدىم، بۇيرۇقلىرىڭىزغا خىلاپلىق قىلمىدىم، سىز ماڭا نېمە بەردىڭىز؟ ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن بىرەر قېتىم ئويناپ-كۈلۈشكە بىرەر ئوغلاقمۇ سويۇپ بەرگىنىڭىز يوققۇ!
«ئەي ئوغلۇم، سەن دائىم مېنىڭ يېنىمدا. مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكى.