3 شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ھەقتە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:
پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ: - بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ - دېيىشتى.
- ئەگەر ئىچىڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ، ھېلىقى يوقالغان قويىنى تېپىلغۇچە ئىزدەيدۇ.
ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش، ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق. لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.
مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن، خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن، ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردا: «مەن قۇربانلىق قىلىشىڭلارنى ئەمەس، رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىشىڭلارنى ئىستەيمەن» دېيىلگەن. سىلەر بېرىپ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆگىنىڭلار. مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى چاقىرغىلى كەلدىم، - دېدى.
ئۇنىڭدىن كۆرە، خۇدانىڭ يوقالغان قوي پادىلىرى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىغا بېرىڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: - بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ.
ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن: - يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ - دەپ سورىدى. پېترۇس يەنە: - شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، - دېدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، - دېدى.
بۇلارنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، پاۋلۇسقا: - ئەي قېرىنداش، يېرۇسالېمدا ئەھۋال مۇنداق: يەھۇدىيلار ئىچىدە نەچچە مىڭلىغان كىشى ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تەۋرات قانۇنىغا قاتتىق ئەمەل قىلىدۇ.