Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 چاكار: «ئىنىڭىز قايتىپ كەلدى، دادىڭىز ئۇنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بوردالغان تورپاقنى سويدى» دەپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:27
8 Referans Kwoze  

ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن - سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل-خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر.


ئۇ كېلىپ، يېنىمدا تۇرۇپ: «قېرىندىشىم سائۇل، كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن!» دېدى. شۇئان كۆزلىرىم ئەسلىگە كېلىپ، ئۇنى كۆردۈم.


بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ: - قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى.


لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ.


باخشى ئايال ئۆيىدىكى بورداۋاتقان بىر تورپاقنى سويدى. ئاندىن خېمىر يۇغۇرۇپ، پېتىر نان پىشۇردى.


بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.


ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ.


بىراق، چوڭ ئوغلى ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرىشنى خالىماپتۇ. ئاتىسى چىقىپ ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite