25 بۇ چاغدا، چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، نەغمە-ناۋا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.
مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا، مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.
ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ.
ئەي قەدىرلىك بالىلىرىم بولغان ئىسرائىللار، مەن سىلەرنى يەنە بىر قېتىم قايتىدىن بەرپا قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن سىلەر يەنە قايتىدىن بىر خەلق بولىسىلەر. سىلەر قايتىدىن داپلارنى قولۇڭلارغا ئېلىپ، ئۇسسۇلچىلارنىڭ تەنتەنە قوشۇنىغا قېتىلىسىلەر.
يىغلاشنىڭ ۋە كۈلۈشنىڭ ۋاقتى بار، ھازا تۇتۇشنىڭ ۋە ئۇسسۇل ئويناشنىڭ ۋاقتى بار.
مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ، ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.
پەرۋەردىگار سۈرگۈندىكىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەندە سىئونغا، بولۇپ قالغانىدۇق بىز خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەكلا.
داۋۇت زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھاياجان بىلەن ئۇسسۇل ئوينىدى.
ھارۇننىڭ ھەدىسى پەيغەمبەر مەريەمنىڭ قولىدا داپ بار ئىدى. نۇرغۇن ئاياللار ئۇنىڭ بىلەن بىرگە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.
ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى، سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى، باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.
چۈنكى، ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ.
ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ.