Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:17
19 Referans Kwoze  

چۈنكى ئۇ ھوشىنى تېپىپ، گۇناھىدىن قول ئۈزگەنلىكى ئۈچۈن چوقۇم ھايات قالىدۇ، ھالاك بولمايدۇ.


چۈنكى، ھەممە نەرسىنى ئاشكارىلايدىغىنى نۇردۇر. شۇڭا، مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئويغان، ئەي ئۇخلاۋاتقان ئىنسان، تىرىل روھىي ئۆلۈمدىن. ئەيسا مەسىھ ساڭا نۇر چاچار!»


بىز سېنىڭ يولۇڭدىن چەتنىگىنىمىزگە توۋا قىلدۇق. بىز نېمە ئىش قىلغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكىنىمىزدە، بىز مەيدىمىزگە ئۇرۇپ، يىغلىدۇق. بۇرۇندىن باشلاپ بىز ناچار ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، نومۇسقا قېلىپ كەمسىتىلدۇق.›


پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن: - قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى.


ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ:


ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى.


سەرگەردانلىقنىڭ ئازابلىق پەيتلىرىدە يېرۇسالېم ئېسىگە ئالار شانلىق كۈنلىرىنى، ئۆتمۈشتىكى ئۆزىگە تەۋە بايلىقلىرىنى. ئۇنىڭ خەلقى چۈشكەندە دۈشمەن قولىغا، ياردەم بەرگۈدەك ھېچكىم بولمىدى ئۇلارغا. دۈشمەنلىرى كۆرگەندە يېرۇسالېمنى، مەسخىرە قىلدى ئۇنىڭ ھالاكىتىنى.


قۇياشنىڭ ئاستىدىكى بۇ دۇنيادا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئازابلايدىغان بىر ئىش شۇكى، ھەممە ئادەمنىڭ تەقدىرىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئوخشاش بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىنسانلار ھايات ۋاقتىدا ھاياتى رەزىللىككە، قەلبلىرى ئەخمەقلىقكە تولغان بولىدۇ، ئاندىن بۇ ئالەمدىن كېتىدۇ.


ئۇلارنىڭ ھاياتى چۈشكە ئوخشار، ئويغانسىلا ھەممىسى يوقىلار. ئۇلارنى كۆزگە ئىلمايسەن ئەسلا، ئى رەببىم ئورنۇڭدىن قوزغالغاندا.


نەزەر سېلىپ مېڭىۋاتقان يولۇمغا، قەدىمىمنى بۇرىدىم پەرزلىرىڭ تامانىغا،


ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلىسىمۇ، يېتىشەلمەيدۇ، ئىزدىسىمۇ تاپالمايدۇ. شۇڭا ئۇ: ‹بىرىنچى ئېرىمنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتەيچۇ، بۇرۇنقى ئەھۋالىم ھازىرقىدىن ياخشىراق ئىدى› دەيدۇ.


ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.


شۇ چاغدا، پېترۇس ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىگە: «ئەمدى مەن بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى بىلدىم. رەببىم بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ، مېنى ھىرود خاننىڭ قولىدىن ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ماڭا قىلماقچى بولغان بارلىق زىيانكەشلىكىدىن قۇتقۇزۇپتۇ» دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite