16 ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.
ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ.
بىر چاغلاردا ئېسىل يېمەكلىكلەرنى يېگەنلەر، ئەمدى بۈگۈن كوچىلاردا ئاچلىقتىن ئۆلەر. قىممەت باھالىق توق قىزىل لىباس ئارتقانلار، ئەمدى كۈل دۆۋىلىرىنى ماكان قىلار.
ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر، سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ، بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ، سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.
پەرۋەردىگار قاراپ باققىن ئوڭ يېنىمغا، ماڭا كۆڭۈل بۆلگۈچى يوقتۇر ئەتراپىمدا، پاناھ بولۇپ ھېچكىم كۆيۈنمەس ماڭا.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇياققا كېلىڭلار ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى، زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى.
نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟ سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.
چۈنكى مەن ھاماقەت، نادان ئىكەنمەن، ئالدىڭدا گويا ئاڭسىز ھايۋان ئىكەنمەن.
- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.
شۇڭا، ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ.
كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟
ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىن تۇزلۇق ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يەيتتى، چاتقاللارنىڭ يىلتىزى بىلەنمۇ ئوزۇقلىناتتى.