Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 شۇڭا، ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 15:15
27 Referans Kwoze  

چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق.


نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟ باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.


شۇڭا مەن سىلەرنى پۈتۈن خەلق ئالدىدا كەمسىتىلىشكە ۋە خارلىققا دۇچار قىلدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭماي، كىشىلەرگە تەلىم بەرگىنىڭلاردا ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار.»


ئەي پەرۋەردىگار، سېنىڭ سەمىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. سەن بۇ كىشىلەرنى جازالىغان بولساڭمۇ، ئۇلار سۆزلىرىڭگە ئېتىبار قىلمىدى. ھەتتا سەن ئۇلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشكە ئازلا قالغان چاغدىمۇ، ئۇلار خاتالىقىنى تۈزىتىشنى خالىمىدى. ئۇلار قەلبلىرىنى خۇددى تاشتەك قاتتىق قىلدى. ئۇلار توۋا قىلىشنى خالىمىدى.


بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.


بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.


ئۈستبېشىڭغا نىجاسەت ياغدۇرۇپ، سېنى رەسۋا قىلىمەن. كۆپچىلىككە سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرسىتىمەن.


سېنىڭ بارلىق گۇناھلىرىڭنى ساقىت قىلغىنىمدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس قىلغىنىڭدىن ئاغزىڭنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمايسەن. بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.›»


سەن سىڭىللىرىڭغا ياردەم قىلىپ، ئۇلارنى ساڭا قارىغاندا پاك كۆرسەتكەن ئىكەنسەن، ئۇنداقتا سەن خورلۇقنى قوبۇل قىل! چۈنكى سېنىڭ گۇناھلىرىڭ سىڭىللىرىڭنىڭ گۇناھلىرىدىن تېخىمۇ ئېغىردۇر. شۇڭا ئۇلار ساڭا قارىغاندا پاك كۆرۈنىدۇ. ئەمدى سەن قىلغان گۇناھلىرىڭدىن نومۇس ھېس قىلىپ، خورلۇقنى قوبۇل قىل!


مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ، ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن. ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.


ئاخاز قىيىنچىلىق مەزگىلدە پەرۋەردىگارغا تېخىمۇ كۆپ ساداقەتسىزلىك قىلدى.


شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن پىرئەۋننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە جاھىللىق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي!


- ئىتقا مۇقەددەس نەرسىنى بەرمەڭلار ياكى توڭگۇزنىڭ ئالدىغا ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى تاشلاپ قويماڭلار. چۈنكى، ئىت كەينىگە بۇرۇلۇپ سىلەرنى تالايدۇ؛ توڭگۇز ئۈنچە-مەرۋايىتلارنى ئاياغ ئاستىدا دەسسەپ يانجىيدۇ.


ئۇنىڭ پۇلى تۈگەپ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، دەل ئۇ يەردىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ.


ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite