7 بەزى مېھمانلارنىڭ تۆر تالىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى:
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ئىبادەتخانىدا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىگە ئامراق.
ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار.
زىياپەتلەردە تۆردە، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ.
- تەۋرات ئۇستازلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىشىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ.
بۇ توغرۇلۇق جامائەتچىلىككە بىر پارچە خەت يازغانىدىم. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋالغان، جامائەتچىلىككە باشلىق بولۇش تەمەسىدە بولغان دىئوتىرىپ بىزنىڭ سۆزىمىزگە كىرمىدى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى مەسەل ۋە تەمسىلنى ئېيتىپ بەر ۋە
ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى تەمسىللەر بىلەن كۆپچىلىككە بايان قىلدى. ئۇ تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى.
دانالىق چاقىرمىدىمۇ؟ ئەقىل-ئىدراكنىڭ ئاۋازى ياڭرىمىدىمۇ؟
شىمشون ئۇلارغا: _ مەن سىلەردىن بىر تېپىشماق سوراي. توي بولىدىغان يەتتە كۈن ئىچىدە سىلەر بۇ تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپالىساڭلار، مەن سىلەرگە ئېسىل زىغىر رەختتىن تىكىلگەن 30 قۇر ئىچ كىيىم ۋە 30 قۇر تون بېرىمەن.
چۈنكى ئورنۇڭنى جانابقا بېرىشكە چاقىرىلىپ، پەگاھقا چۈشۈپ قالغاندىن، باشقىلارنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پەگاھتىن تۆرگە ئۆتكىنىڭ ئەۋزەل.