Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

21 چاكار قايتىپ كېلىپ، ھەممە ئەھۋالنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، كور-ئەما، ئاقساق-چولاقلارنى يىغىپ كەل» دەپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:21
38 Referans Kwoze  

شۇنىڭ ئۈچۈن، زىياپەت بەرمەكچى بولسىڭىز، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرىڭ.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.


«كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار.


- دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


چۈنكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنى داستىخىنىمدا ئولتۇرغۇزمايمەن» دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.


ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ، گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ. سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ. دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.


شۇنداق ئىكەن، شۇنچە ئۇلۇغ قۇتقۇزۇلۇشقا كۆز يۇمساق، قانداقمۇ شۇ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالايمىز؟! قۇتقۇزۇلۇش خەۋىرىنى دەسلەپتە رەببىمىز ئۇقتۇرغان، ئۇنى بىۋاسىتە ئاڭلىغانلار بۇ قۇتقۇزۇلۇشنىڭ ھەقلىقى توغرىسىدا بىزگە گۇۋاھلىق بەرگەن.


ئۇ قۇتقۇزار يوقسۇللارنى يوقسۇللۇق توزانىدىن، ئېلىپ چىقار ئۇ موھتاجلارنى موھتاجلىق ئەۋرىزىدىن. ئولتۇرغۇزار ئۇلارنى شاھزادىلەر قېشىغا، ھەتتا مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا. چۈنكى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى، ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.


مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز : «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.


ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى.


يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرگە ئاگاھ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار.


«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ.


ئەي جاپاكەشلەر ۋە ئېغىر يۈكنى ئۈستىگە ئالغانلار! مېنىڭ يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە ئاراملىق بېرەي.


ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ، يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر، ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.


ئون ئىككى شاگىرت قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا باشقىلارغا ئۇقتۇرماي، ئۇلارنى بەيتسايدا دېگەن يېزىغا ئېلىپ ماڭدى.


بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ ئىچى ئىنتايىن ئاغرىغان باشقا چاكارلار خوجايىنىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئەھۋالنى باشتىن-ئاخىر خەۋەر قىپتۇ.


كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز پەرىسىيلەرنىڭ چىشىغا تەگكەنلىكىنى بىلدىڭىزمۇ، - دېدى.


شۇ كۈنى ئەھدە بىكار بولدى. مېنى كۆزىتىپ تۇرغان زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار بۇنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.


شۇنىڭ بىلەن مەن زىكىرىيا بوغۇزلانماقچى بولغان قويلارغا پادىچى بولدۇم. مەن قولۇمغا ئىككى تاياق ئالدىم. ئۇلارنىڭ بىرىنى «شاپائەت» تايىقى، يەنە بىرىنى «ئىناقلىق» تايىقى دەپ ئاتىدىم ۋە پادىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدىم.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر يېرۇسالېمنىڭ كوچىلىرىغا چىقىپ، تۆت ئەتراپقا قاراپ، ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ مەيدانلىرىنى كېزىپ كۆرۈڭلار. ئەگەر سىلەر ئادالەتلىك، ساداقەتمەن بىرەر ئادەم تاپالىساڭلار، مەن بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسىنى كەچۈرۈۋېتىمەن.


داۋۇت ئەۋەتكەن يىگىتلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇلار داۋۇتقا نابالنىڭ سۆزلىرىنى ئەينەن يەتكۈزدى.


ئاغرىماقتا كۆيۈپ پۈتۈن بەدىنىم، تېنىمدە قالمىدى ھېچبىر ساق يېرىم.


ئاچچىقلانمىسۇن، باش ئېگىڭلار ئوغلىغا، تۇتسا ئۇنىڭ غەزىپى بىردىنلا، ھالاك بولىسىلەر ماڭغان يولۇڭلاردا. نەقەدەر بەختلىكتۇر پاناھ تاپقانلار ئۇنىڭدا.


يەنە بىرەيلەن: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.


ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ.


«بىزنى ھېچكىم ياللىمىدى» دەپ جاۋاب قايتۇرۇپتۇ ئۇلار. «ئۇنداقتا، سىلەرمۇ ئۈزۈمزارلىقىمغا بېرىپ ئىشلەڭلار» دەپتۇ يەر ئىگىسى ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite