Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى زىياپەتتە ئولتۇرىدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:15
8 Referans Kwoze  

ئاندىن، پەرىشتە ماڭا: - مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك!» - دېدى. ئۇ ماڭا يەنە: - بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر. - دېدى.


سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.


ئۇ چاغدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ دۆلەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ.


لېكىن، ئۇلار ياغ سېتىۋالغىلى كېتىۋاتقاندا، يىگىت كېلىپ قاپتۇ، تەييارلىقى بار قىزلار ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە توي زىياپىتىگە كىرىپتۇ. ئىشىك تاقىلىپتۇ.


خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ.


سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مەشرىق ۋە مەغرىبتىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.


چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite