11 چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.
ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقىنى تۆۋەن قىلىنىدۇ، تۆۋەن تۇتقىنى ئۈستۈن قىلىنىدۇ.
كىشىنى پەس قىلار مەغرۇرلۇق، ھۆرمەتكە ئېرشتۈرەر كەمتەرلىك.
يامان ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمىز ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە كۆپ كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە» دەپ يېزىلغىنىدەكتۇر.
ئەي يىگىتلەر، سىلەرمۇ يېتەكچىلەرگە بويسۇنۇڭلار. ھەممىڭلار بىر-بىرىڭلارغا كەمتەر بولۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدا قارشىدۇر تەكەببۇرلارغا، مېھىر-شەپقەت قىلار كەمتەرلەرگە.»
ھالاكەتتىن ئىلگىرى ئادەمنىڭ يۈرىكىدە بولۇر تەكەببۇرلۇق. ئىززەت-ھۆرمەتتىن ئىلگىرى يۈرەر كىچىك پېئىللىق.
خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇ چاغدا، خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
بۈيۈكلۈكتە بولسىمۇ پەرۋەردىگار، كەمتەرلەرگە غەمخورلۇق قىلار، تەكەببۇرلاردىن يىراق تۇرار.
ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.
قۇتقۇزىسەن چارىسىزلارنى، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.
ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ، ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ، ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئادەمگە دانالىق ئۆگىتەر، ئىززەت-ھۆرمەتنىڭ ئالدىدا كىچىك پېئىللىق يۈرەر.
كىشىلەرنىڭ قەدىرى بولمىغاندا ‹قەددىڭنى كۆتەر!› دەيسەن، خۇدا ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.
سامۇئىل: _ گەرچە سەن ئۆزۈڭنى مۇھىم ئادەم ئەمەس، دەپ ھېسابلاپ يۈرسەڭمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇرسەن. پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا ياغ قۇيدۇرۇپ، سېنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى قىلدى.
كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.
ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت، نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن: مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن، ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن، كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن، توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.
قۇتقۇزىسەن چارىسىز، بىچارىلارنى، كۆزىتىپ، يەرگە ئۇرىسەن ھاكاۋۇرلارنى.
ياخشى ئەمەستۇر ھەسەلنى ھەددىدىن زىيادە يېيش، شەرەپلىك ئەمەستۇر شۆھرەتپەرەسلىك قوغلىشىش.
تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى، كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: - مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ.
نامرات ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ئىكەنلىكىدىن خۇشال بولسۇن. باي ئېتىقادچىلار خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى كەمتەر تۇتقۇزغانلىقىدىن خۇشال بولسۇن. چۈنكى ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتى خۇددى ياۋا ئوت-چۆپلەردىكى چېچەكلەردەك تېز ئاخىرلىشىدۇ.
ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا تۆۋەن تۇتۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ۋاقتى كەلگەندە خۇدا سىلەرنى ئۈستۈن قىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ، پادىشاھ ھامونغا: _ دەرھال شاھانە لىباس بىلەن ئاتنى كەلتۈرۈپ، ئوردا دەرۋازىسى ئالدىدا ئولتۇرغان يەھۇدىي موردىكايغا ھازىرقى دېگىنىڭ بويىچە قىل! ئېيتقانلىرىڭدىن بىرەرسىمۇ كەم بولمىسۇن! _ دەپ بۇيرۇدى.