Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مۇھىم بىر پەرىسىي ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا باردى. بەزىلەر ئۇنى تۇتۇش كويىدا ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتاتتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:1
19 Referans Kwoze  

بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.


شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئۈچۈن، پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ۋالىينىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى.


ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى.


ئۇلاردىن بىرەرسى كېلىپ يېنىمغا، يالغان سۆزلەرنى ئېيتار ماڭا. كۆڭلىدە توپلاپ مەن ھەققىدە غەيۋەتنى، يېنىمدىن چىقىپلا يايار ئۇلارنى خالايىققا.


ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.


چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ پايدىسىنى ئويلايدىغان ئادەمدۇر. «تارتىنماي يەڭ، ئىچىڭ» دەر، بىراق كۆڭلى سەندە ئەمەستۇر.


ھەققانىيلارنى پايلاپ يۈرەر رەزىللەر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشنىڭ پەيتىنى ئىزدەپ يۈرەر.


يەھۇدىيلارنىڭ نىكودىم ئىسىملىك بىر كېڭەشمە كاتتىۋېشى بار ئىدى. پەرىسىيلەردىن بولغان بۇ ئادەم بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ: - تەقسىر، سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدا بىلەن بىللە بولمىغان ئادەم سىز كۆرسەتكەن بۇ كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى قەتئىي كۆرسىتەلمەيدۇ، - دېدى.


لېكىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پۈتۈن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى غامالىيىل ئىسىملىك بىر تەۋرات ئۇستازى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ: - ئۇلارنى بىر دەم سىرتقا چىقىرىپ تۇرۇڭلار، - دەپ بۇيرۇدى.


ئادەم قويدىن كۆپ قىممەتلىكتە! دېمەك، دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن.


ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى.


بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قاچان نامايان بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite