لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن. Gade chapit la |
بۇرۇن يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن، كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى رەببىمىز ئەيسانى ئۆلتۈردى. ھازىر يەنىلا بەزى يەھۇدىيلار بىزگىمۇ زۇلۇم سېلىپ، بىزنى بىز خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقان شەھەرلەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلمىشلىرى خۇدانىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار خۇددى پۈتكۈل ئىنسانلار بىلەن دۈشمەنلەشكەندەك، بىزنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار گۇناھلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، چېكىگە يەتكۈزمەكتە. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى ئۇلارغا چۈشۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.