Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 «خوجايىن، يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى يۇمشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:8
17 Referans Kwoze  

رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن.


ياخشىلىققا يامانلىق قايتىشى كېرەكمۇ؟ ئۇلار ھەتتا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئورەك كولاۋاتىدۇ. مەن بۇرۇن ئالدىڭغا كېلىپ، ئاشۇ سۇيىقەستچىلەرگە بولغان غەزىپىڭنى بېسىش ئۈچۈن، سەندىن ئۆتۈنگىنىمنى يادىڭدا تۇتقايسەن.


پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەگەردە مۇسا بىلەن سامۇئىل ئالدىمدا تۇرۇپ، بۇ خەلق ئۈچۈن ماڭا ئىلتىجا قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇ خەلققە ھېچقانداق مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەيتتىم. بۇ خەلق كەتسۇن! كۆزۈمدىن يوقالسۇن!


شۇڭا خۇدا ئۇلارنى ھالاك قىلماق بولغانىدى، لېكىن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان مۇسا چىقىپ رەھىم تىلەپ خۇدانىڭ غەزىپىنى باسقانىدى.


ۋە مۇنداق دېدى: _ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولغان بولساڭ، بىز ئۇ يەرگە بارغاندا، بىزگە يار بولغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقىڭ سۈپىتىدە قوبۇل قىلغايسەن، _ دېدى.


ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ.


ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن.


ئۇنى توپىغا ياكى ئوغۇتقا سېلىشقىمۇ يارىماي، تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite