Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر كىشىنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرەختىن مېۋە كۈتۈپتۇ، لېكىن دەرەخ مېۋە بەرمەپتۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:6
14 Referans Kwoze  

سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ.


ۋەھالەنكى، مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاشنىڭ بېرىدىغان مېۋىلىرى مېھىر-مۇھەببەت، خۇشال-خۇراملىق، تىنچ-ئامانلىق، سەۋر-تاقەت، مېھرىبانلىق، ياخشىلىق، سادىقلىق،


مەن سىلەرنى ئەلا كۆچەتتەك تىككەنىدىم، سىلەر ئەڭ ياخشى ئۇرۇقتىن ئۆسكەنىدىڭلار. نېمە ئۈچۈن سىلەر ھېچنېمىگە يارىمايدىغان ياۋا ئۈزۈم تېلىغا ئايلىنىپ قالدىڭلار؟


مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۇلارنىڭ ھوسۇللىرىنى ئېلىپ كېتىمەن. ئۈزۈم تاللىرى ھوسۇل بەرمەيدۇ. ئەنجۈر دەرەخلىرىدە مېۋە قالمايدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇلارغا بەرگەنلىرىم ئېلىپ كېتىلىدۇ.»


پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ، - دېدى.


ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر.


بىراق ئەنجۈر دەرىخى ئۇلارغا: «مەن ئۆزۈمنىڭ تاتلىق ۋە ياخشى مېۋىلىرىمنى تاشلاپ، دەرەخلەرگە پادىشاھ بولامتىم؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite