Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:35 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

35 مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:35
31 Referans Kwoze  

بەخت يار بولغاي پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە، بەخت تىلەيمىز پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىن سىلەرگە.


ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.


ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


مەن داۋۇت ئەۋلادلىرى ۋە يېرۇسالېم خەلقىنى مېھىر-شەپقەت روھىغا ۋە دۇئا ئىستىكىگە چۆمدۈرىمەن. ئۇلار ماڭا، يەنى ئۆزلىرى نەيزە تىققۇچىغا قارايدۇ. ئۇلار خۇددى يالغۇز پەرزەنتىگە ماتەم تۇتقاندەك ماتەم تۇتىدۇ ۋە تۇنجى پەرزەنتىنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن ھازا ئاچقاندەك، قاتتىق يىغلىشىدۇ.


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار بارلىق ئەللەرنى يىغىپ، يېرۇسالېمغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇرىدۇ. شەھەر قولدىن كېتىپ، ئۆيلەر بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ، قىز-ئاياللار دەپسەندە قىلىنىدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېرىمى سۈرگۈن قىلىنىپ، يېرىمى قالدۇرۇلىدۇ.


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە! ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ، ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.


ماكانلىرى ئۇلارنىڭ خاراب بولسۇن، چېدىرلىرى چۆلدەرەپ قالسۇن.


لېكىن سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇ ئوردا خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ.›»


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا شۇنداق دەيمەنكى، مەن يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئېيتقان بارلىق بالا-قازانى ئېلىپ كېلىمەن. چۈنكى مەن ئۇلارغا ئېيتقانىدىم. لېكىن ئۇلار ئاڭلىمىدى. ئۇلارنى چاقىرغانىدىم، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمىدى.»


- ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite