Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىماستىن: - سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە مېنىڭ داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەيدىغانلىقىم ۋە كېسەللەرنى ساقايتىدىغانلىقىمنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرۇسالېمدا ۋەزىپەمنى تاماملايدىغانلىقىمنى دەڭلار.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:32
16 Referans Kwoze  

پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزى ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئارقىلىق ياراتقان خۇدا نۇرغۇن پەرزەنتلەرنى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارغۇچى ئەيسا مەسىھنى ئازاب-ئوقۇبەت ئارقىلىق كامالەتكە يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق كۆردى.


ئۇ مانا مۇشۇنداق پۈتۈنلەي ئىتائەتمەن بولغاچقا، مۇكەممەل باش روھانىي بولۇش ھۆددىسىدىن چىقىپ، ئۆزىگە ئىتائەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك قۇتقۇزۇلۇش مەنبەسى بولدى.


تەۋرات قانۇنى ئاجىز بولغان ئىنساننى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلەيتتى، لېكىن تەۋرات قانۇنىدىن كېيىن خۇدا قەسەم بىلەن قىلغان ئەھدىسى ئارقىلىق، مەڭگۈلۈك كامالەتكە يەتكۈزۈلگەن ئوغلىنى باش روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى.


- ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ھەممە ئىشلاردىن خەۋەر تاپتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ داڭقى ھەممە يەرگە پۇر كەتكەنىدى. بەزىلەر: «بۇ ئادەم ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بولسا كېرەك. ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ» دېيىشەتتى.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ ساختا پەيغەمبەرلىرىڭلار خارابىلەردىكى چىلبۆرىلەرگە ئوخشايدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: - تامام بولدى! - دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى.


تۇتۇۋالغىن تۈلكىلەرنى، باغنى بۇزىدىغان تۈلكىلەرنى، چۈنكى چېچەكلىدى ئۈزۈملىرىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite