29 ئۇ چاغدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ دۆلەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
كۈنچىقىشتىن تارتىپ كۈنپېتىشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغلىنىدۇ.
شىمالدىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى چىقىرىپ بەر!› دەيمەن. جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار!› دەيمەن. يىراق زېمىنلاردىن خەلقىم قايتىپ كەلسۇن. خەلقىم يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ، قايتىپ كەلسۇن.
ئاندىن، پاۋلۇس: - شۇڭا بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇشى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ بېرىلمەكتە. ئۇلار ئۇنى قوبۇل قىلماي قالمايدۇ! - دېدى.
ئۇلارنىڭ سانى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ، ئۇلار شەرققە غەربكە، جەنۇبقا ۋە شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل ئەللەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.
لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم.
ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، مەشرىق ۋە مەغرىبتىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەر كېلىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ.
خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا.
شۇنداق قىلىپ، كەينىدىكىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدىكىلەر كەينىدە قالىدۇ.