23 بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: - ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ - دەپ سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:
بىراق، ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان دەرۋازا تار، يول تەس بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلارمۇ ئاز.
ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا: - تەكلىپ قىلىنغانلار كۆپ، لېكىن تاللانغانلار ئاز، - دېدى.
دېمەك، ئاخىرقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئالدىنقىلار بولىدۇ، ئالدىنقى بولغانلار كەلگۈسىدە ئاخىرقىلار بولىدۇ.
بۇنى ئاڭلىغان شاگىرتلار بەكمۇ ھەيران بولۇشۇپ: - ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى.
- ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ.