2 ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - بۇ جەلىلىيىلىكلەرنىڭ باشقا جەلىلىيىلىكلەردىن كۆپرەك گۇناھى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا چەكتى، دەپ قارامسىلەر؟
شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن: - ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ - دەپ سوراشتى.
يەرلىكلەر پاۋلۇسنىڭ قولىغا يېپىشىپ تۇرغان يىلاننى كۆرۈپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم جەزمەن بىر قاتىل! دېڭىزدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولسىمۇ، «تەقدىر» ئۇنىڭ ياشىشىغا يول قويمىدى، - دېيىشتى.
سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟
شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر.