Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:17
19 Referans Kwoze  

بۇنى مۇلايىملىق ۋە ھۆرمەت بىلەن ئېيتىڭلار. ۋىجدانىڭلارنى ساپ تۇتۇڭلار-دە، سىلەرگە تۆھمەت قىلغۇچىلار سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلاردىن يېتىلگەن پەزىلىتىڭلارنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى قىلغان تۆھمەتلەردىن خىجىل بولسۇن.


كىيدۈرىمەن دۈشمەنلىرىگە شەرمەندىلىك تونىنى، پارلاق قىلىمەن داۋۇتنىڭ بېشىدىكى تاجىنى.»


كېڭەشمە ھەيئەتلىرى بولسا خالايىقتىن قورقۇپ، ئەلچىلەرنى جازالاشقا لايىق سەۋەب تاپالماي، ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، قويۇپ بەردى. چۈنكى، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇۋاتقان بولۇپ،


شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.


لېكىن، قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى.


قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.


بىراق، ھېچكىم ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى.


ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ: ‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›» ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.


ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ ئەجرى ھەيۋەت، شەرەپلىكتۇر، ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلۇر.


رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى، تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى.


جېنىمنى ئالماقچى بولغانلار، شەرمەندە بولسۇن يۈزى تۆكۈلۈپ. جاپايىمدىن خۇشال بولغانلار، چېكىنسۇن رەسۋا بولۇپ.


ئى پەرۋەردىگار، نەدە بار ئالەمدە سەندەك بىر ئىلاھ؟ كىمدە بار سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟ قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟


ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار سىلەرنى مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ: ‹پەرۋەردىگار ئۆز شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ! بىز سىلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ. لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ.


ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. بۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيالسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite