13 قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.
يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتسىمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ھېچقانداق تەسىر قىلمايدۇ. بىمارلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.
ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە يەنە بىر قېتىم تەگكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى.
شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە بىرقانچە بىمارنى ئۇلارنىڭ ئۇچىسىغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ ساقايتقاندىن باشقا، ھېچقانداق مۆجىزە كۆرسىتىشنى توغرا تاپمىدى.
كۈن پېتىش ۋاقتىدا، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويغانىدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى.
بۇنىڭ بىلەن، ھانانىيا ھېلىقى ئۆيگە بېرىپ، قوللىرىنى سائۇلنىڭ ئۇچىسىغا تەگكۈزۈپ: - قېرىندىشىم سائۇل، بۇ يەرگە كېلىۋاتقىنىڭدا يولدا ساڭا كۆرۈنگەن رەببىمىز ئەيسا كۆزلىرىڭ ئەسلىگە كەلسۇن ۋە سېنى مۇقەددەس روھقا چۆمسۇن دەپ، مېنى شەخسەن ئۆزى ئەۋەتتى، - دېدى.
قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.
بۇنى كۆرگەن كۆپچىلىك قورقۇشۇپ، ئىنسانغا بۇنداق ھوقۇقنى بەرگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇشتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: - خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! - دەپ،