Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:1
8 Referans Kwoze  

سىئون نىدا قىلار: «ئى پەرۋەردىگار، قارىغىن ماڭا، زەربە بېرىپ باققانمىدىڭ بىرىگە، زەربە بەرگەندەك ماڭا؟ ئەجەبا، ئۆزى باققان بالىسىنىڭ گۆشىنى يەمدۇ ئانا؟ روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ئۆلتۈرۈلەمدۇ ئىگىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا؟


كېيىن نوپۇس تىزىملاش ۋاقتىدا، جەلىلىيىلىك يەھۇدامۇ باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، بىر توپ كىشىنى توپلاپ ئۆزىگە ئەگەشتۈرگەن. ئۇمۇ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئەگەشكۈچىلىرىمۇ تارقىتىۋېتىلگەن.


ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.


تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ،


- ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، - دېدى.


ئۇلار ھەيران بولۇپ: - قاراڭلار، سۆزلىشىۋاتقانلار جەلىلىيىلىكلەر ئەمەسمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite