6 بەش قۇشقاچنى ئىككى تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خۇدا ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.
قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟
ئىككى قۇشقاچنى بىر تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئەرشتىكى ئاتاڭلار بىلمەي تۇرۇپ، ئۇلاردىن بىرسىمۇ يەرگە چۈشمەس.
خۇدا ئاتا قىلار چارۋا-مالغا ئۆز رىزقىنى، ئوزۇق بېرەر قاقىلدىغاندا قاغا بالىلىرى.
ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ.
بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، بىرنەچچە تىيىنلا قىممىتىدىكى ئىككى تەڭگىنى تاشلىدى.