Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:58 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

58 ئەگەر بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىپ، سىلەرنى سوتقا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئالدىنئالا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا قاراۋۇلغا تاپشۇرۇپ، زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:58
20 Referans Kwoze  

لېكىن، باشتىكى چاكار بۇنى رەت قىپتۇ ۋە ئۇنى زىندانغا تاشلىتىپ: «پۈتۈن قەرزنى تۆلىمىگۈچە، زىنداندا ياتىسەن» دەپتۇ.


پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن، ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن.


چۈنكى، خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، ساڭا قۇلاق سالىمەن، قۇتقۇزۇلۇش كۈنىدە ساڭا شاپائەت قىلىمەن.» سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ «ۋاقىت-سائىتى» دېگىنى ھازىردۇر، خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش كۈنى بۈگۈندۇر.


ئەي مېنى ئۇنتۇغانلار، ياخشى ئويلاڭلار قىلمىشىڭلارنى، بولمىسا بىتچىت قىلىۋېتىمەن ھەممىڭلارنى. ئۇ چاغدا ھېچكىم قۇتقۇزالماس سىلەرنى.


شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا، تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا. دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا، شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.


ئۇ يەردە دۇرۇس ئادەم ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشەلەيدۇ، ئۇ مېنى ئاقلاپ، ھۆكۈمىدىن مەڭگۈ خالاس قىلىدۇ.


شۇڭا سەن خۇداغا بويسۇنغىن، ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتكىن، شۇ چاغدا ساڭا بەخت-سائادەت كېلىدۇ.


مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ،


ئۇ سولاپ قويۇلغان روھلارنىڭ يېنىغا مۇشۇ روھىي ھاياتلىقى بىلەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ بۇ غەلىبىسىنى جاكارلىدى.


سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.


قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite