50 مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»~تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن: - تامام بولدى! - دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى.
- مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئى ئىلاھىم، ئىرادەڭنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش خۇشاللىقىمدۇر، تەلىملىرىڭ قەلبىمگە چىڭ پۈتۈلگەندۇر.»
ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى يېرۇسالېمغا ھېيت ئۈچۈن كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن.
ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: - قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ - دېدى.
گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.
- مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ يېنىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە!