Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:48 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

48 بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:48
21 Referans Kwoze  

قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە ھەممىڭلارلا تەلىم بەرگۈچى بولۇۋالماڭلار! سىلەرگە مەلۇمكى، خۇدا بىز تەلىم بەرگۈچىلەرنى باشقىلاردىن تېخىمۇ ئېغىر سوراققا تارتىدۇ.


ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.


ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ.


چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەقىل-پاراسەت ئېشىپ-تاشقۇچە بولىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ.


مەن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە كۇپۇرلۇق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان رەھىمسىز بىر ئادەم بولساممۇ، ئۇ يەنىلا ماڭا رەھىم قىلدى. چۈنكى، مەن بۇ ئىشلارنى نادانلىق ۋە ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادسىزلىقتىن قىلغانىدىم.


بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا!


بۇ تەلىملەر مەدھىيىلەشكە مۇناسىپ بولغان خۇدا تەرىپىدىن ماڭا ئامانەت قىلىنغان ئۇلۇغ خۇش خەۋەرگە ئاساسلانغان.


باي غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم قانداق گەپ؟ ئەمدى خىزمەتتىن بوشىتىلىسەن، ھېساب-كىتابنى تاپشۇر» دەپتۇ.


ئەي تىموتىي، ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ تەلىملەرنى ياخشى ساقلا. خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمەيدىغان قۇرۇق گەپلەردىن ھەمدە بىمەنە بىلىمنى بىلىم دېگۈچىلەرنىڭ تالاش-تارتىشلىرىدىن ساقلان.


خۇدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئۆز ئەمرى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى.


ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلسۇن.


ئەگەر گۇناھكارغا قامچىلاش جازاسى بېرىشكە تېگىشلىك بولسا، سوتچى نەق مەيداندا گۇناھكارنى يەرگە ياتقۇزۇپ، گۇناھىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلسۇن.


- ئى رەببىم، بۇ تەمسىللەرنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭىزمۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپمۇ؟ - دەپ سورىدى پېترۇس.


- مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ يېنىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە!


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەيسىلەر. ئاندىن، باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىسىلەر. شۇڭا، تېخىمۇ ئېغىر جازاغا تارتىلىسىلەر.{


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite