47 خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ.
ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، قىلىشقا تېگىشلىك ياخشى ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلار گۇناھ قىلغان بولىدۇ.
- كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر.
بىراق، مېنى رەت قىلغانلارنى ۋە سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتقۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېيتقان سۆزلىرىم بولۇپ، ئۇ قىيامەت كۈنى كىشىلەرنى سوراققا تارتىدۇ.
بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا: «بۇتقا ئىشىنىدىغانلار ھازىرچە مېنىڭ يوللىرىمنى بىلمەيدۇ» دەپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرمەسكە سالدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ پۈتۈن ئىنسانلارنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ئۇنىڭ يولىغا قايتىشقا بۇيرۇماقتا!
- سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ئانا-بالا بولسۇن ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار. لېكىن بەلگىسى بار كىشىلەرگە تەگمەڭلار. قىرغىننى ئىبادەتخانامدىن باشلاڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىرغىننى ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا تۇرغان ئاقساقاللارنى ئۆلتۈرۈشتىن باشلىدى.
- ئى رەببىم، بۇ تەمسىللەرنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭىزمۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپمۇ؟ - دەپ سورىدى پېترۇس.
خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ.