46 خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ.
ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»
ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ساختىپەزلەر بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ. نەتىجىدە، چاكار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىنى تەرك ئەتمەس، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغانلارنى تاشلاپ كەتمەس.
زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار، ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.
پەرۋەردىگار كۆزىتەر ھەققانىي ۋە رەزىللەرنى، ئۆچ كۆرەر زوراۋانلىققا مەپتۇنلارنى.
بۇ خۇدانىڭ رەزىللەرگە بېرىدىغان ئاقىۋىتىدۇر، ئۇلارغا بېرىدىغان نېسىۋىسىدۇر.»
خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ،
لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا،
خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ.