Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

45 لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا،

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:45
31 Referans Kwoze  

تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى، پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.»


يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن، سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»


ئۇلار ئازدۇرۇلغانلارغا، «سىلەر بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىكنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى، ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ.


بۇ كىشىلەر باشقىلارغا قىلغان ناھەقچىلىكىگە تۇشلۇق جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ كىشىلەر سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، سىلەرنى ئالدىغانلىقىدىن زوقلىنىدۇ ھەمدە سىلەرگە نومۇس ۋە داغ كەلتۈرىدۇ.


ئۇخلايدىغانلار كېچىسى ئۇخلايدۇ، مەس بولىدىغانلارمۇ كېچىسى مەس بولىدۇ.


ئۇلارنىڭ سىلەرنى قۇل ئورنىدا كۆرۈشىگە، ھەققىڭلارنى يېيىشىگە، سىلەردىن نەپ ئېلىشىغا، سىلەرگە چوڭچىلىق قىلىشىغا ۋە سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارنى چۈشۈرۈشىگە يول قويىسىلەر.


بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


قالغانلىرى ھېلىقى چاكارلارنى تۇتۇۋېلىپ، قاتتىق ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنى چوقۇم جازالايمەن. مېنىڭ قويلىرىم قويچىسىز قېلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولماقتا. مېنىڭ قويچىلىرىم بولغان سىلەر قويلىرىمنى ئىزدىمىدىڭلار. سىلەر قويلىرىمنى باقماي، ئۆزۈڭلارنى باقتىڭلار.


_ ئەي ئادەم بالىسى، سىلەر ئىسرائىللاردا: «ۋاقىت كېتەر، بېشارەت يوقار» دەپ بىر ماقال بار.


شۇڭا ئۇ يەرەمىيا پەيغەمبەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ «ئۈستۈنكى بىنيامىن دەرۋازىسى»غا ئەكېلىپ، پۇتلىرىغا تاقاق سالدى.


قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ، مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك، مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.


سىلەر، ئوغۇل-قىزلىرىڭلار، قۇل، دېدەكلىرىڭلار ۋە يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان لاۋىيلار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا شادلىنىڭلار. لاۋىي قەبىلىسىنىڭ زېمىنى يوقلۇقى ئېسىڭلاردا بولسۇن.


بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ.


خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ.


- ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن.


ئۇنىڭغا: - بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! - دېدى.


ئۇ كۈنلەردە، بارلىق ئەر-ئايال خىزمەتكارلىرىم روھىمغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، مەندىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆزلەيدۇ.


خۇدا ئۇلارنى بىر مەزگىل خاتىرجەملىكتىن بەھرىمەن قىلسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى ھەر دائىم ئۇلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite