40 شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلاردەك ئۇخلاپ ياتمايلى. ئەكسىچە، سەگەك ۋە ھوشيار بولايلى.
شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلايلى! ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى! چۈنكى، قوزىنىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى، قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى.
ھازىر مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش كۈنىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - شۇنىڭ ئۈچۈن، سەگەك بولۇڭلار، چۈنكى ئىنسانئوغلى قايتىپ كېلىدىغان ۋاقىت-سائەتنى بىلمەيسىلەر.
ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ!
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار، چۈنكى رەببىڭلار قايتىپ كېلىدىغان كۈننى بىلمەيسىلەر.