4 ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى: - دوستلار، جېنىڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىشتىن باشقا زىيانكەشلىك قولىدىن كەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار.
تېنىڭلارنى ئۆلتۈرسىمۇ، جېنىڭلارنى ئالالمايدىغانلاردىن قورقماڭلار. ئەكسىچە، تېنىڭلارنىمۇ، جېنىڭلارنىمۇ دوزاختا ھالاك قىلالايدىغان خۇدادىن قورقۇڭلار.
ئادەملەردىن قورقما. مەن سەن بىلەن بىللە بولىمەن ۋە سېنى قوغدايمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر! _ دېدى.
كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.
سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر.
لېكىن، ھەققانىيلىق يولىدا ئازاب-ئوقۇبەت چەكسەڭلارمۇ، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! باشقىلارنىڭ تەھدىتىدىن قورقماڭلار ۋە ئەنسىرەپ كەتمەڭلار.
بۇنىڭ بىلەن، تەۋراتتا ئېيتىلغان: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دېگەن سۆز ئىسپاتلاندى ۋە ئىبراھىم خۇدانىڭ دوستى، دەپ ئاتالدى.
لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.
ئەي ئادەم بالىسى، ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ گېپىدىن قورقما. گەرچە ئەتراپىڭنى تىكەن ۋە ئازغانلار قاپلاپ كەتسىمۇ ۋە چايانلارنىڭ ئارىسىدا ياشىساڭمۇ ھودۇقما، سۆزلىرىگە ئېرەن قىلما، ئەلپازلىرىغا قاراپ ئەنسىرىمە، چۈنكى ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.
پېترۇس بىلەن يۇھاننانىڭ بۇ جۈرئىتىنى كۆرگەن كېڭەشمە ھەيئەتلىرى ئۇلارنىڭ ئوقۇمىغان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەيران بولۇشتى. ئۇلارنىڭ بۇرۇن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە بولغانلىقىنىمۇ بىلدى.
بېلىڭنى باغلا! سەن بېرىپ، بۇ كىشىلەرگە مەن ئېيتقان بارلىق ئەمرلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلاردىن قورقما، بولمىسا مەن سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قورقۇنچقا سالىمەن!
ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم، سىلەر مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى.
كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.
ئۇنىڭ ئېغىزى بەكمۇ شېرىن، ھەر جەھەتتىن مەپتۇن قىلار ئادەمنى. ئى يېرۇسالېم قىزلىرى، بۇ مېنىڭ قەدىرلىكىم، بىلىپ قېلىڭلار ھەمراھىمنى.
بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.
ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى، چۈنكى نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل بابىل پادىشاھى بۇ زېمىننى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەن ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانى ئۆلتۈرۈۋەتكەنىدى.
ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر.