Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:31 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

31 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:31
14 Referans Kwoze  

شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.


ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»


پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىڭلار، ئەي ئۇنىڭ تەقۋادارلىرى، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلارنىڭ كەم بولماس ھېچ نەرسىسى.


بەدەننى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن، ئىخلاسمەنلىكنى يېتىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپتۇر. چۈنكى ئۇ، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى ھايات ئۈچۈن بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.


بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى~-~ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟


ياخشىلىق قىل، ئىشەنچ باغلا پەرۋەردىگارغا، تىنچ-ئامان ياشايسەن خۇدا بەرگەن زېمىندا.


ياش ئىدىم مەن، قېرىدىم ئەمدى، كۆرمىدىم ھېچ خۇدانىڭ ھەققانىي ئادەمنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى.


مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ، قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.


يەرگە قاراپ قالماس ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە، توق يۈرۈيدۇ قەھەتچىلىكتە.


بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.


بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite