30 بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ.
سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ.
رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ئەمدى خۇداغا ئىشەنمەيدىغانلاردەك ئەرزىمەس ئوي-پىكىرلەر بويىچە ياشىماڭلار.
- قوزىلىرىم، قورقماڭلار! سىلەر ئاز ۋە ئاجىز بولساڭلارمۇ، ئاتاڭلار ئۆز پادىشاھلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى لايىق كۆردى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ بۇ سەبىيلەرنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئېزىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.
سىلەر ئۆزۈڭلار سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
ئەگەر سىلەر دوستلىرىڭلار بىلەنلا سالام-سەھەت قىلىشساڭلار، بۇنىڭ باشقىلاردىن نېمە پەرقى؟ ھەتتا بۇتپەرەسلەرمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ!
- ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
- دىققەت قىلىڭلاركى، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلماڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ ئىنئامىغا ئېرىشەلمەيسىلەر.
شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.