Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:28 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

28 ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:28
10 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: - ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ - دېدى.


- ئېتىقادىڭلار ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن. بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ تاغقا: «بۇ يەردىن ئۇ يەرگە كۆچ» دېسەڭلار، كۆچكەن بولاتتى. ئېتىقادىڭلار بولسا، قولۇڭلاردىن ھېچ ئىش قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. }


ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟


خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «پۈتكۈل ئىنسان گۈل-گىياھقا ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شەرىپى غازاڭ بولىدىغان چېچەككە ئوخشايدۇ. گىياھلار قۇرۇپ، گۈللەر سولىشىپ ئۆلىدۇ،


- ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ - دېدى. شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە: - بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! - دەپ كېتىشتى.


- ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار.


ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟


- نېمانچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمىدېگەن ئاجىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇن ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بوران ۋە دولقۇنلار پۈتۈنلەي تىنچىدى.


غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «جاكارلا!» دېدى. مەن: «نېمە دەپ جاكارلايمەن؟» دەپ سورىدىم. «پۈتكۈل ئىنسانلار گۇيا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتى دالادىكى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ.


پات-پات ياغقان يامغۇردىن تېرىغۇچىلارغا پايدىلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر خۇدادىن بەرىكەت ئالىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite