Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:23
9 Referans Kwoze  

_ بولىدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئىلكىڭگە تاپشۇردۇم، ئۇنى پەقەت ھايات قويساڭلا بولدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.


بايلىق باينىڭ جېنىغا تۆلەم بولار. يوقسۇل تەھدىتتىن خالىي بولار.


شەيتان جاۋابەن: _ جېنىغا ئازاب بېرىپ باققىن، نېمە قىلاركىن؟ ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر.


_ ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولسۇن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولما، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا. شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.


ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


ھەممەيلەن قورساقنى تويدۇرغاندىن كېيىن، كېمىچىلەر كېمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، كېمىدىكى بۇغدايلارنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار.


قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite