21 ھەزرىتى ئەيسا يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى: - ئۆزىگە بايلىق توپلىغان، ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى.
مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر.
سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ناھەق يول بىلەن پۇل تېپىپ، ئۆيىنى مال-دۇنياغا تولدۇرغانلار! زىيان-زەخمەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇۋىسىنى ئېگىز يەرگە قۇرغانلار!
ئىسرائىلىيە بۈك-باراقسان ئۈزۈمزارلىق ئىدى. ئۈزۈمدىن شۇنچە كۆپ ھوسۇل ئالاتتى. ئىسرائىلىيەلىكلەر ئۈزۈمدىن قانچە كۆپ ھوسۇل ئالغانچە، بۇتلىرى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ياسىدى. يېرىدىن چىققان مەھسۇلاتلىرى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلار بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلەرنى شۇنچە بېزىدى.
گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن.
ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟
لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.
قايغۇ-ئەلەمدە بولساقمۇ، ھەمىشە شاد-خۇراممىز. نامرات بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەرنى روھىي جەھەتتە باي قىلىۋاتىمىز. ھېچ نەرسىمىز يوق بولسىمۇ، ھەممىگە ئىگىمىز.
بەزىلەر باي كۆرسىتەر ئۆزىنى، لېكىن بۇ قۇرۇق سۆلەتتۇر، بەزىلەر يوقسۇل كۆرسىتەر ئۆزىنى، ئەمما كاتتا بايلاردۇر.
باي بولۇشنىلا ئويلايدىغانلار بولسا ھامان ئازدۇرۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلار ئىنسانلارنى قۇرۇتۇپ ھالاك قىلىدىغان نۇرغۇن زىيانلىق ھەم ئەخمىقانە ھەۋەسلەرنىڭ تورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.