2 چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر.
ھەرقانداق مەخپىي ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ؛ يوشۇرۇن تۇتۇلغان ھەرقانداق ئىش پاش بولماي قالمايدۇ.
چۈنكى، يېپىق قويۇلغان ھەرقانداق نەرسە ئاشكارا بولماي قالمايدۇ. يوشۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسە بىلىنمەي قالمايدۇ.
چۈنكى، ھەربىرىمىز ھازىرقى تېنىمىزدە ياشىغان ۋاقتىمىزدىكى ياخشى-يامان ئەمەلىيىتىمىزگە يارىشا چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنىڭ سوراق تەختى ئالدىدا ھېساب بېرىپ جاۋابقا ئېرىشىمىز.
ئادەمنىڭ قىلغان بارلىق ئىشلىرىغا، مەيلى ياخشى، ياكى يامان ئىشلىرى بولسۇن، ھەتتاكى يوشۇرۇن قىلغان ئىشلىرى بولسۇن، ھەممە ئىشلىرىغا خۇدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.
مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.
چۈنكى مەن خەلقىم قىلغان بارلىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ رەزىل يوللىرى ماڭا يوشۇرۇن ئەمەس، ئۇلار گۇناھلىرىنى مەندىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.
ئۇلار ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشلىرىنى ئۆزلىرى يېيىشتى. لېكىن مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ قۇربانلىقلىرىنى قوبۇل قىلمايمەن. مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكلىرىنى ئېسىمدە تۇتۇپ، ئۇلارنى جازالايمەن. مەن چوقۇم ئۇلارنى مىسىرغا قايتۇرۇۋېتىمەن.