Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئۇ كۆڭلىدە «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:17
23 Referans Kwoze  

بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەردىن بىرەر نەرسە ئارىيەت سورىسا، ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇرماڭلار.


يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش، سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش، يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟ تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟


بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.


خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.


كېيىن، ئۇلارنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: - قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ - دەپ سورىدى.


«ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دەپتۇ خوجايىن.


بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.


شۇڭا، ئۆز بايلىقىڭلار بىلەن ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى دوست تۇتۇڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار، بايلىق تۈگىگەندە، باقىي دۇنيادا كۈتۈۋېلىنىسىلەر.


بۇ دۇنيادا باي بولغانلارغا مەغرۇرلانماسلىقنى، ئۆتكۈنچى بايلىققا ئۈمىد باغلىماسلىقنى بۇيرۇغىن. ئۇلار ئۈمىدىنى بىز بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھەممىنى بىزگە سېخىيلىق بىلەن بەرگۈچى خۇداغا باغلىسۇن.


پېترۇسنىڭ بۇ سۆزلىرى ئاڭلىغۇچىلارغا يۈرەككە سانجىلغان خەنجەردەك كۈچلۈك تەگدى. ئۇلار قايىل بولغىنىدىن پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردىن: - قېرىنداشلار، ئۇنداقتا قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ - دەپ سوراشتى.


ھېلىقى غوجىدار ئىچىدە «خوجايىنىم مېنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتسە، بۇندىن كېيىن قانداق قىلارمەن؟ ئېتىزدا ئىشلەشكە كۈچۈم يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم، نومۇس قىلىمەن“


مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي - ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر.


شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار.


شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.


تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ھەزرىتى ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ: - ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ - دەپ سورىدى.


- ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، - دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.


ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.


شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى.


ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: - بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ.


توغرا، ھازىرقى ئامبارلىرىمنى بۇزۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئاشلىق ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە قويمامدىمەن؟!» دەپ ئويلاپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite