12 چۈنكى، نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.
چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن.
سىلەر ئۆزۈڭلار سۆزلىمەيسىلەر، بەلكى ئەرشتىكى ئاتاڭلارنىڭ روھى سىلەر ئارقىلىق سۆزلەيدۇ.
پېترۇس مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى: - خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى ۋە ئاقساقاللىرى!
لېكىن، مۇقەددەس روھ ئىستىپانغا ئەقىل-پاراسەت بەرگەچكە، ئۇلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان ياكى سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان ياكى ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان ياكى كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟
مۇقەددەس روھقا چۆمگەن ئىستىپان بولسا كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانى كۆردى.
سەن بېرىۋەر، مەن سېنى سۆزمەن قىلىمەن، ساڭا نېمە دېيىشنى ئۆگىتىمەن، _ دېدى.
سوراق قىلىنغان ۋاقتىڭلاردا، قانداق جاۋاب بېرىش ياكى نېمە دېيىشتىن ئەندىشە قىلماڭلار. چۈنكى، ئۇ چاغدا قىلىدىغان سۆزلىرىڭلار سىلەرگە نېسىپ قىلىنىدۇ.
كۆپچىلىك ئىچىدىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، ئاكامغا ئاتىمىزدىن قالغان مىراستىن ماڭا تېگىشلىكىنى بېرىشنى بۇيرۇسىڭىز، - دېدى.