Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ياق، ئۇ دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ تارتىنماستىن قايتا-قايتا يالۋۇرۇشۇڭ ۋەجىدىن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سورىغان نەرسەڭنى چوقۇم بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:8
10 Referans Kwoze  

ئۇ كىشى: _ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى. _ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.


ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە يۇرتدىشىڭلار بولغان ئېپافىرادىن سىلەرگە سالام. ئۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادتا پىشىپ يېتىلىشىڭلار، خۇدانىڭ پۈتكۈل ئىرادىسىگە بولغان ئىشەنچىڭلاردا چىڭ تۇرۇشۇڭلار ئۈچۈن، ھەمىشە جان-دىلى بىلەن دۇئا قىلماقتا.


قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر.


مېنىڭ سىلەر ۋە لائودىكىيا شەھىرىدىكىلەر ھەمدە مېنى تېخى كۆرمىگەن باشقا كىشىلەر ئۈچۈن قانداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتقانلىقىمنى بىلىشىڭلارنى خالايمەن.


ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، رەببىمىزگە ئۈچ قېتىم يېلىنىپ دۇئا قىلدىم.


دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار، ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق. خاپا بولما!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟


ئۇ توي ئاخىرلاشقۇچە ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈردى. يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئايالى بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالى بولسا بۇ جاۋابنى ئۆزى تەرەپنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ بەردى.


ھاننا پەرۋەردىگارغا ئۇزاق دۇئا قىلدى. ئەلى بولسا ئۇنىڭ ئاغزىغا سەپسېلىپ تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite