Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:46 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

46 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! سىلەر قاتتىق دىنىي قائىدەڭلار ئارقىلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەيسىلەريۇ، ئۆزۈڭلار بىرەر بارمىقىڭلارنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:46
7 Referans Kwoze  

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! ھەقىقەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇڭلارغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار، ھەتتا كىرىشنى خالىغانلارنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار.


ئەمەلىيەتتە، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ تەۋرات قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلمايدۇ. بىراق، ئۇلار سىلەرنىڭ خەتنىنى قوبۇل قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماختىنىش ئۈچۈن، خەتنە قىلدۇرۇشۇڭلارنى تەلەپ قىلىدۇ.


ئادالەتسىز قانۇنلارنى تۈزگۈچىلەرنىڭ، ناھەق تۈزۈملەرنى چىقارغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! - دېدى.


مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا، رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن، ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش، بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟


ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite