Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، سۇزاپ قاتارلىق دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق ھەققانىيلىق ۋە خۇداغا بولغان مۇھەببەتكە سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:42
22 Referans Kwoze  

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، ئارپىبەدىيان ۋە زىرىلەرنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق تەۋرات قانۇنىنىڭ تېخىمۇ مۇھىم تەرەپلىرى بولغان ھەققانىيلىق، رەھىمدىللىك ۋە سادىقلىققا سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.


مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.


ئەگەر بىرى، «خۇدانى سۆيىمەن» دەپ تۇرۇپ، قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلسا، ئۇ يالغانچىدۇر. چۈنكى، كۆزىگە كۆرۈنۈپ تۇرغان قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمىگەن كىشى كۆرۈپ باقمىغان خۇدانى قانداقمۇ سۆيسۇن؟


ئىنسان خۇدانىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىيالامدۇ؟ دەرھەقىقەت، سىلەر مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ئوغرىلىيالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ۋە ھەدىيەلەرنى ئوغرىلىدىڭلار.


ياق، ئەي ئىنسان، نېمىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى پەرۋەردىگار ساڭا بىلدۈردى. پەرۋەردىگارنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنى نېمە؟ ئۇ سېنىڭ ئادىل، رەھىمدىل بولۇشۇڭنى ۋە ئۆزىنىڭ يولىدا كەمتەرلىك بىلەن مېڭىشىڭنى كۈتىدۇ.


ئادەمنىڭ ھەققانىي ۋە ئادىل ئىش قىلىشى، قۇربانلىق قىلغىنىدىنمۇ بەكرەك خۇرسەن قىلار پەرۋەردىگارنى.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئاقارتىپ قويۇلغان، سىرتقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لېكىن ئىچى ئۆلۈك ئۇستىخان ۋە ھەر خىل چىرىغان نەرسىلەرگە تولغان قەبرىلەرگە ئوخشايسىلەر.


سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.


لېكىن، مەن سىلەرنى بىلىمەن. قەلبىڭلاردا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}


سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر» دەيسىلەر. يەنە سىلەر: «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلايسىلەر.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى ماڭا بولغان ھۆرمەت؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىك؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.


بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.


بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite